| وَالذَّارِيَاتِ ذَرْوًا (1) (تۇپراقنى) سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،
 | 
| فَالْحَامِلَاتِ وِقْرًا (2) (يامغۇرلارنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى،
 | 
| فَالْجَارِيَاتِ يُسْرًا (3) (سۇ ئۈستىدە) يىنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن قەسەمكى،
 | 
| فَالْمُقَسِّمَاتِ أَمْرًا (4) ئىشنى (يەنى بەندىلەر ئارىسىدا رىزىقلارنى، يۇرتلار ئارىسىدا يامغۇرلارنى) تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر قەسەمكى،
 | 
| إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٌ (5) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ساۋاب، ئازاب، قىيامەت قاتارلىق) لار ئەلۋەتتە راستتۇر
 | 
| وَإِنَّ الدِّينَ لَوَاقِعٌ (6) (ياخشى ئەمەللەرنى) مۇكاپاتلاش، (يامان ئەمەللەرنى) جازالاش چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر
 | 
| وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْحُبُكِ (7) يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر
 | 
| إِنَّكُمْ لَفِي قَوْلٍ مُّخْتَلِفٍ (8) يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر
 | 
| يُؤْفَكُ عَنْهُ مَنْ أُفِكَ (9) (اﷲ تائالانىڭ ئىلمىي ئەزەلىسىدە ھىدايەتتىن) بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم (قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن) بۇرۇۋېتىلىدۇ
 | 
| قُتِلَ الْخَرَّاصُونَ (10) كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر
 | 
| الَّذِينَ هُمْ فِي غَمْرَةٍ سَاهُونَ (11) كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر
 | 
| يَسْأَلُونَ أَيَّانَ يَوْمُ الدِّينِ (12) ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ
 | 
| يَوْمَ هُمْ عَلَى النَّارِ يُفْتَنُونَ (13) ئۇ بولسا ئۇ كۈندە دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈندۇر
 | 
| ذُوقُوا فِتْنَتَكُمْ هَٰذَا الَّذِي كُنتُم بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ (14) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» (دەيدۇ)
 | 
| إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ (15) شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ
 | 
| آخِذِينَ مَا آتَاهُمْ رَبُّهُمْ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَبْلَ ذَٰلِكَ مُحْسِنِينَ (16) ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى
 | 
| كَانُوا قَلِيلًا مِّنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ (17) ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى
 | 
| وَبِالْأَسْحَارِ هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ (18) ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى
 | 
| وَفِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ لِّلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ (19) ئۇلارنىڭ پۇل - ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)
 | 
| وَفِي الْأَرْضِ آيَاتٌ لِّلْمُوقِنِينَ (20) (زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا اﷲ قا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر
 | 
| وَفِي أَنفُسِكُمْ ۚ أَفَلَا تُبْصِرُونَ (21) (زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا اﷲ قا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر
 | 
| وَفِي السَّمَاءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونَ (22) ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار
 | 
| فَوَرَبِّ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنَّهُ لَحَقٌّ مِّثْلَ مَا أَنَّكُمْ تَنطِقُونَ (23) ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك (يەنى سۆزلىشىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر
 | 
| هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ الْمُكْرَمِينَ (24) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟
 | 
| إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا ۖ قَالَ سَلَامٌ قَوْمٌ مُّنكَرُونَ (25) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى
 | 
| فَرَاغَ إِلَىٰ أَهْلِهِ فَجَاءَ بِعِجْلٍ سَمِينٍ (26) شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى
 | 
| فَقَرَّبَهُ إِلَيْهِمْ قَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ (27) شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى
 | 
| فَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَامٍ عَلِيمٍ (28) (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار «قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)» دېدى، ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى
 | 
| فَأَقْبَلَتِ امْرَأَتُهُ فِي صَرَّةٍ فَصَكَّتْ وَجْهَهَا وَقَالَتْ عَجُوزٌ عَقِيمٌ (29) ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەبلەنگەنلكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى
 | 
| قَالُوا كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ ۖ إِنَّهُ هُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ (30) ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى
 | 
| ۞ قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا الْمُرْسَلُونَ (31) ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى
 | 
| قَالُوا إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمٍ مُّجْرِمِينَ (32) ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق)
 | 
| لِنُرْسِلَ عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِّن طِينٍ (33) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»
 | 
| مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَ لِلْمُسْرِفِينَ (34) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»
 | 
| فَأَخْرَجْنَا مَن كَانَ فِيهَا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ (35) (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق
 | 
| فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِّنَ الْمُسْلِمِينَ (36) بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق
 | 
| وَتَرَكْنَا فِيهَا آيَةً لِّلَّذِينَ يَخَافُونَ الْعَذَابَ الْأَلِيمَ (37) ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق
 | 
| وَفِي مُوسَىٰ إِذْ أَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ بِسُلْطَانٍ مُّبِينٍ (38) مۇسانىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
 | 
| فَتَوَلَّىٰ بِرُكْنِهِ وَقَالَ سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ (39) پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇ: «(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى
 | 
| فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٌ (40) پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر
 | 
| وَفِي عَادٍ إِذْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الرِّيحَ الْعَقِيمَ (41) ئادنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق
 | 
| مَا تَذَرُ مِن شَيْءٍ أَتَتْ عَلَيْهِ إِلَّا جَعَلَتْهُ كَالرَّمِيمِ (42) ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما - تالاڭ) قىلىۋېتەتتى
 | 
| وَفِي ثَمُودَ إِذْ قِيلَ لَهُمْ تَمَتَّعُوا حَتَّىٰ حِينٍ (43) سەمۇدنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق
 | 
| فَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ وَهُمْ يَنظُرُونَ (44) ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى
 | 
| فَمَا اسْتَطَاعُوا مِن قِيَامٍ وَمَا كَانُوا مُنتَصِرِينَ (45) ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى
 | 
| وَقَوْمَ نُوحٍ مِّن قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ (46) ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى
 | 
| وَالسَّمَاءَ بَنَيْنَاهَا بِأَيْدٍ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ (47) ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكمىز
 | 
| وَالْأَرْضَ فَرَشْنَاهَا فَنِعْمَ الْمَاهِدُونَ (48) زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز؟
 | 
| وَمِن كُلِّ شَيْءٍ خَلَقْنَا زَوْجَيْنِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ (49) سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق
 | 
| فَفِرُّوا إِلَى اللَّهِ ۖ إِنِّي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ مُّبِينٌ (50) (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «اﷲ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى اﷲ قا ئىلتىجا قىلىڭلار)، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
 | 
| وَلَا تَجْعَلُوا مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۖ إِنِّي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ مُّبِينٌ (51) سىلەر باشقا مەبۇدنى اﷲ قا شېرىك قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
 | 
| كَذَٰلِكَ مَا أَتَى الَّذِينَ مِن قَبْلِهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا قَالُوا سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ (52) ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى
 | 
| أَتَوَاصَوْا بِهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ (53) ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر - بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر - بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر
 | 
| فَتَوَلَّ عَنْهُمْ فَمَا أَنتَ بِمَلُومٍ (54) ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن
 | 
| وَذَكِّرْ فَإِنَّ الذِّكْرَىٰ تَنفَعُ الْمُؤْمِنِينَ (55) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ۋەز - نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق
 | 
| وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ (56) جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم
 | 
| مَا أُرِيدُ مِنْهُم مِّن رِّزْقٍ وَمَا أُرِيدُ أَن يُطْعِمُونِ (57) ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن
 | 
| إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ (58) اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (اﷲ نىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر
 | 
| فَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذَنُوبًا مِّثْلَ ذَنُوبِ أَصْحَابِهِمْ فَلَا يَسْتَعْجِلُونِ (59) (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلاردىن (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ، بۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن
 | 
| فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا مِن يَوْمِهِمُ الَّذِي يُوعَدُونَ (60) كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي
 |