The Quran in Uighur - Surah Tin translated into Uighur, Surah At-Tin in Uighur. We provide accurate translation of Surah Tin in Uighur - الأويغورية, Verses 8 - Surah Number 95 - Page 597.
بِّسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ (1) ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى، |
وَطُورِ سِينِينَ (2) سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى، |
وَهَٰذَا الْبَلَدِ الْأَمِينِ (3) بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى، |
لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ (4) بىز ئىنساننى شەك - شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق |
ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ (5) ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق |
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ (6) پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ |
فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِالدِّينِ (7) (ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟ |
أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَحْكَمِ الْحَاكِمِينَ (8) اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ |