The Quran in Uighur - Surah Duha translated into Uighur, Surah Ad-Dhuha in Uighur. We provide accurate translation of Surah Duha in Uighur - الأويغورية, Verses 11 - Surah Number 93 - Page 596.

| وَالضُّحَىٰ (1) چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى، |
| وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ (2) قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، |
| مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ (3) (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق |
| وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَّكَ مِنَ الْأُولَىٰ (4) ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر، |
| وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰ (5) پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ئاخىرەتتە ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن |
| أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ (6) ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟ |
| وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ (7) قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ |
| وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَىٰ (8) سېنى يوقسىز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ |
| فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ (9) يېتىمنى خارلىما |
| وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ (10) سائىلغا قوپاللىق قىلما |
| وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ (11) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ) |