القرآن باللغة الأويغورية - سورة الضحى مترجمة إلى اللغة الأويغورية، Surah Duha in Uighur. نوفر ترجمة دقيقة سورة الضحى باللغة الأويغورية - Uighur, الآيات 11 - رقم السورة 93 - الصفحة 596.
وَالضُّحَىٰ (1) چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى، |
وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ (2) قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، |
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ (3) (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق |
وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَّكَ مِنَ الْأُولَىٰ (4) ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر، |
وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰ (5) پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ئاخىرەتتە ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن |
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ (6) ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟ |
وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ (7) قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟ |
وَوَجَدَكَ عَائِلًا فَأَغْنَىٰ (8) سېنى يوقسىز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ |
فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ (9) يېتىمنى خارلىما |
وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ (10) سائىلغا قوپاللىق قىلما |
وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ (11) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ) |