Quran with Uighur translation - Surah Al-An‘am ayat 143 - الأنعَام - Page - Juz 8
﴿ثَمَٰنِيَةَ أَزۡوَٰجٖۖ مِّنَ ٱلضَّأۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَمِنَ ٱلۡمَعۡزِ ٱثۡنَيۡنِۗ قُلۡ ءَآلذَّكَرَيۡنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلۡأُنثَيَيۡنِ أَمَّا ٱشۡتَمَلَتۡ عَلَيۡهِ أَرۡحَامُ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۖ نَبِّـُٔونِي بِعِلۡمٍ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ ﴾
[الأنعَام: 143]
﴿ثمانية أزواج من الضأن اثنين ومن المعز اثنين قل آلذكرين حرم أم﴾ [الأنعَام: 143]
Shaykh Muhammad Saleh (ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) سەككىز خىل چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر (سىلەر ئاللاھ بۇلارنى بىزگە ھارام قىلدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا بىلىپ ئېيتىپ بېرىڭلار!» |