| لَا أُقْسِمُ بِيَوْمِ الْقِيَامَةِ (1) قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى،
 | 
| وَلَا أُقْسِمُ بِالنَّفْسِ اللَّوَّامَةِ (2) ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)
 | 
| أَيَحْسَبُ الْإِنسَانُ أَلَّن نَّجْمَعَ عِظَامَهُ (3) ئىنسان (يەنى كاپىر) بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟
 | 
| بَلَىٰ قَادِرِينَ عَلَىٰ أَن نُّسَوِّيَ بَنَانَهُ (4) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز
 | 
| بَلْ يُرِيدُ الْإِنسَانُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُ (5) بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ
 | 
| يَسْأَلُ أَيَّانَ يَوْمُ الْقِيَامَةِ (6) ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ» دەپ سورايدۇ
 | 
| فَإِذَا بَرِقَ الْبَصَرُ (7) كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
 | 
| وَخَسَفَ الْقَمَرُ (8) كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
 | 
| وَجُمِعَ الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ (9) كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
 | 
| يَقُولُ الْإِنسَانُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ الْمَفَرُّ (10) كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ
 | 
| كَلَّا لَا وَزَرَ (11) ياق، (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر
 | 
| إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمُسْتَقَرُّ (12) بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر
 | 
| يُنَبَّأُ الْإِنسَانُ يَوْمَئِذٍ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ (13) بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ
 | 
| بَلِ الْإِنسَانُ عَلَىٰ نَفْسِهِ بَصِيرَةٌ (14) بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر
 | 
| وَلَوْ أَلْقَىٰ مَعَاذِيرَهُ (15) ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ)
 | 
| لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ (16) (ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما
 | 
| إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآنَهُ (17) ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر
 | 
| فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآنَهُ (18) ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن
 | 
| ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ (19) ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر
 | 
| كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ (20) (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر
 | 
| وَتَذَرُونَ الْآخِرَةَ (21) ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر
 | 
| وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ (22) بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ
 | 
| إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٌ (23) (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ
 | 
| وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ (24) بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ
 | 
| تَظُنُّ أَن يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ (25) ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ
 | 
| كَلَّا إِذَا بَلَغَتِ التَّرَاقِيَ (26) راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ
 | 
| وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ (27) راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ
 | 
| وَظَنَّ أَنَّهُ الْفِرَاقُ (28) (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ
 | 
| وَالْتَفَّتِ السَّاقُ بِالسَّاقِ (29) (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ
 | 
| إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمَسَاقُ (30) بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر
 | 
| فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ (31) (كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى
 | 
| وَلَٰكِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ (32) لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى
 | 
| ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰ أَهْلِهِ يَتَمَطَّىٰ (33) ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى
 | 
| أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ (34) ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا
 | 
| ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ (35) يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا
 | 
| أَيَحْسَبُ الْإِنسَانُ أَن يُتْرَكَ سُدًى (36) ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟
 | 
| أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِّن مَّنِيٍّ يُمْنَىٰ (37) ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟
 | 
| ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ (38) ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن اﷲ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى
 | 
| فَجَعَلَ مِنْهُ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنثَىٰ (39) ئۇ مەنىيدىن ئەر - ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى
 | 
| أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَن يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ (40) ئۇ (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان اﷲ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟
 |