القرآن باللغة الأويغورية - سورة الزلزلة مترجمة إلى اللغة الأويغورية، Surah Zalzalah in Uighur. نوفر ترجمة دقيقة سورة الزلزلة باللغة الأويغورية - Uighur, الآيات 8 - رقم السورة 99 - الصفحة 599.
إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا (1) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە، |
وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا (2) زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا، |
وَقَالَ الْإِنسَانُ مَا لَهَا (3) ئىنسان (يەنى كاپىر) ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە، |
يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا (4) بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى - يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ |
بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا (5) (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر |
يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِّيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ (6) بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش (يەنى نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ - توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ |
فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ (7) كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ |
وَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ (8) كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ |