| وَالسَّمَاءِ وَالطَّارِقِ (1) ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن
 | 
| وَمَا أَدْرَاكَ مَا الطَّارِقُ (2) تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
 | 
| النَّجْمُ الثَّاقِبُ (3) ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر
 | 
| إِن كُلُّ نَفْسٍ لَّمَّا عَلَيْهَا حَافِظٌ (4) ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار
 | 
| فَلْيَنظُرِ الْإِنسَانُ مِمَّ خُلِقَ (5) ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن
 | 
| خُلِقَ مِن مَّاءٍ دَافِقٍ (6) ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى
 | 
| يَخْرُجُ مِن بَيْنِ الصُّلْبِ وَالتَّرَائِبِ (7) ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ
 | 
| إِنَّهُ عَلَىٰ رَجْعِهِ لَقَادِرٌ (8) شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر)
 | 
| يَوْمَ تُبْلَى السَّرَائِرُ (9) سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)،
 | 
| فَمَا لَهُ مِن قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ (10) ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر)
 | 
| وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الرَّجْعِ (11) يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى،
 | 
| وَالْأَرْضِ ذَاتِ الصَّدْعِ (12) يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى،
 | 
| إِنَّهُ لَقَوْلٌ فَصْلٌ (13) قۇرئان شەك - شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر،
 | 
| وَمَا هُوَ بِالْهَزْلِ (14) ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر
 | 
| إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًا (15) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىدۇ
 | 
| وَأَكِيدُ كَيْدًا (16) مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن
 | 
| فَمَهِّلِ الْكَافِرِينَ أَمْهِلْهُمْ رُوَيْدًا (17) (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)
 |