| سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى (1) ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن
 | 
| الَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ (2) ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى
 | 
| وَالَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ (3) مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى
 | 
| وَالَّذِي أَخْرَجَ الْمَرْعَىٰ (4) ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى
 | 
| فَجَعَلَهُ غُثَاءً أَحْوَىٰ (5) ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلاندۇردى
 | 
| سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰ (6) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز - ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ
 | 
| إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ يَعْلَمُ الْجَهْرَ وَمَا يَخْفَىٰ (7) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز - ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ
 | 
| وَنُيَسِّرُكَ لِلْيُسْرَىٰ (8) سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز
 | 
| فَذَكِّرْ إِن نَّفَعَتِ الذِّكْرَىٰ (9) ۋەز - نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن
 | 
| سَيَذَّكَّرُ مَن يَخْشَىٰ (10) اﷲ تىن (قورققان) ئادەم ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ
 | 
| وَيَتَجَنَّبُهَا الْأَشْقَى (11) ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز - نەسىھەتتىن قاچىدۇ
 | 
| الَّذِي يَصْلَى النَّارَ الْكُبْرَىٰ (12) ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ
 | 
| ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ (13) ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ
 | 
| قَدْ أَفْلَحَ مَن تَزَكَّىٰ (14) (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى
 | 
| وَذَكَرَ اسْمَ رَبِّهِ فَصَلَّىٰ (15) ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى
 | 
| بَلْ تُؤْثِرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا (16) سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر
 | 
| وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ (17) ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر
 | 
| إِنَّ هَٰذَا لَفِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ (18) بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك - شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا - ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر
 | 
| صُحُفِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ (19) بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك - شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا - ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر
 |