اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ (1) ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن |
خَلَقَ الْإِنسَانَ مِنْ عَلَقٍ (2) ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى |
اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ (3) ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر |
الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ (4) ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى |
عَلَّمَ الْإِنسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ (5) ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى |
كَلَّا إِنَّ الْإِنسَانَ لَيَطْغَىٰ (6) شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ |
أَن رَّآهُ اسْتَغْنَىٰ (7) شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ |
إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الرُّجْعَىٰ (8) (ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن) |
أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَىٰ (9) ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ |
عَبْدًا إِذَا صَلَّىٰ (10) ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ |
أَرَأَيْتَ إِن كَانَ عَلَى الْهُدَىٰ (11) ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا، |
أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَىٰ (12) ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟) |
أَرَأَيْتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ (13) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)، |
أَلَمْ يَعْلَم بِأَنَّ اللَّهَ يَرَىٰ (14) اﷲ نىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ |
كَلَّا لَئِن لَّمْ يَنتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ (15) ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز |
نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ (16) ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز |
فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ (17) ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن |
سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ (18) بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك - قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز |
كَلَّا لَا تُطِعْهُ وَاسْجُدْ وَاقْتَرِب ۩ (19) (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (اﷲ قا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن اﷲ قا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن |