إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ (1) كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، |
وَإِذَا النُّجُومُ انكَدَرَتْ (2) يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، |
وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ (3) تاغلار گۇمران بولغان چاغدا، |
وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ (4) بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا، |
وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ (5) ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا، |
وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ (6) دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا، |
وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ (7) جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا، |
وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ (8) تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا، |
بِأَيِّ ذَنبٍ قُتِلَتْ (9) تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا، |
وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ (10) نامە - ئەماللار ئېچىلغان چاغدا، |
وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ (11) ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا، |
وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ (12) دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا، |
وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ (13) جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا، |
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّا أَحْضَرَتْ (14) ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى - يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ |
فَلَا أُقْسِمُ بِالْخُنَّسِ (15) كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن |
الْجَوَارِ الْكُنَّسِ (16) كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن، |
وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ (17) قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن، |
وَالصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ (18) يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن |
إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ (19) قۇرئان ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر |
ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي الْعَرْشِ مَكِينٍ (20) ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر |
مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ (21) پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر |
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍ (22) سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر |
وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ (23) ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى |
وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ (24) ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر |
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَّجِيمٍ (25) ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر |
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ (26) قەيەرگە بارىسىلەر؟ |
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَالَمِينَ (27) ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر |
لِمَن شَاءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ (28) سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر |
وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ (29) پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق) |