Quran with Uighur translation - Surah Yusuf ayat 80 - يُوسُف - Page - Juz 13
﴿فَلَمَّا ٱسۡتَيۡـَٔسُواْ مِنۡهُ خَلَصُواْ نَجِيّٗاۖ قَالَ كَبِيرُهُمۡ أَلَمۡ تَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ أَبَاكُمۡ قَدۡ أَخَذَ عَلَيۡكُم مَّوۡثِقٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَمِن قَبۡلُ مَا فَرَّطتُمۡ فِي يُوسُفَۖ فَلَنۡ أَبۡرَحَ ٱلۡأَرۡضَ حَتَّىٰ يَأۡذَنَ لِيٓ أَبِيٓ أَوۡ يَحۡكُمَ ٱللَّهُ لِيۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ ﴾
[يُوسُف: 80]
﴿فلما استيأسوا منه خلصوا نجيا قال كبيرهم ألم تعلموا أن أباكم قد﴾ [يُوسُف: 80]
Shaykh Muhammad Saleh ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۇسۇفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۇسۇف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغىچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر |