Quran with Uighur translation - Surah An-Nisa’ ayat 78 - النِّسَاء - Page - Juz 5
﴿أَيۡنَمَا تَكُونُواْ يُدۡرِككُّمُ ٱلۡمَوۡتُ وَلَوۡ كُنتُمۡ فِي بُرُوجٖ مُّشَيَّدَةٖۗ وَإِن تُصِبۡهُمۡ حَسَنَةٞ يَقُولُواْ هَٰذِهِۦ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةٞ يَقُولُواْ هَٰذِهِۦ مِنۡ عِندِكَۚ قُلۡ كُلّٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِۖ فَمَالِ هَٰٓؤُلَآءِ ٱلۡقَوۡمِ لَا يَكَادُونَ يَفۡقَهُونَ حَدِيثٗا ﴾
[النِّسَاء: 78]
﴿أينما تكونوا يدرككم الموت ولو كنتم في بروج مشيدة وإن تصبهم حسنة﴾ [النِّسَاء: 78]
Shaykh Muhammad Saleh سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن) بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى، «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ |