Quran with Uighur translation - Surah Al-Anfal ayat 41 - الأنفَال - Page - Juz 10
﴿۞ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا غَنِمۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُۥ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ إِن كُنتُمۡ ءَامَنتُم بِٱللَّهِ وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَىٰ عَبۡدِنَا يَوۡمَ ٱلۡفُرۡقَانِ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ ﴾
[الأنفَال: 41]
﴿واعلموا أنما غنمتم من شيء فأن لله خمسه وللرسول ولذي القربى واليتامى﴾ [الأنفَال: 41]
Shaykh Muhammad Saleh (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە) بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر (يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر |