Quran with Uighur translation - Surah FaTir ayat 27 - فَاطِر - Page - Juz 22
﴿أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ ثَمَرَٰتٖ مُّخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهَاۚ وَمِنَ ٱلۡجِبَالِ جُدَدُۢ بِيضٞ وَحُمۡرٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٞ ﴾
[فَاطِر: 27]
﴿ألم تر أن الله أنـزل من السماء ماء فأخرجنا به ثمرات مختلفا﴾ [فَاطِر: 27]
Shaykh Muhammad Saleh كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى چىپارلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار[27].شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇ خىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ،ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىپتۇر، (بەندىلەر ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى)مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر |