×

(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادقا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى 4:102 Uighur translation

Quran infoUighurSurah An-Nisa’ ⮕ (4:102) ayat 102 in Uighur

4:102 Surah An-Nisa’ ayat 102 in Uighur (الأويغورية)

Quran with Uighur translation - Surah An-Nisa’ ayat 102 - النِّسَاء - Page - Juz 5

﴿وَإِذَا كُنتَ فِيهِمۡ فَأَقَمۡتَ لَهُمُ ٱلصَّلَوٰةَ فَلۡتَقُمۡ طَآئِفَةٞ مِّنۡهُم مَّعَكَ وَلۡيَأۡخُذُوٓاْ أَسۡلِحَتَهُمۡۖ فَإِذَا سَجَدُواْ فَلۡيَكُونُواْ مِن وَرَآئِكُمۡ وَلۡتَأۡتِ طَآئِفَةٌ أُخۡرَىٰ لَمۡ يُصَلُّواْ فَلۡيُصَلُّواْ مَعَكَ وَلۡيَأۡخُذُواْ حِذۡرَهُمۡ وَأَسۡلِحَتَهُمۡۗ وَدَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ تَغۡفُلُونَ عَنۡ أَسۡلِحَتِكُمۡ وَأَمۡتِعَتِكُمۡ فَيَمِيلُونَ عَلَيۡكُم مَّيۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِن كَانَ بِكُمۡ أَذٗى مِّن مَّطَرٍ أَوۡ كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَن تَضَعُوٓاْ أَسۡلِحَتَكُمۡۖ وَخُذُواْ حِذۡرَكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٗا مُّهِينٗا ﴾
[النِّسَاء: 102]

(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادقا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياجلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خور قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى

❮ Previous Next ❯

ترجمة: وإذا كنت فيهم فأقمت لهم الصلاة فلتقم طائفة منهم معك وليأخذوا أسلحتهم, باللغة الأويغورية

﴿وإذا كنت فيهم فأقمت لهم الصلاة فلتقم طائفة منهم معك وليأخذوا أسلحتهم﴾ [النِّسَاء: 102]

Shaykh Muhammad Saleh
(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممىڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى
❮ Previous Next ❯

Verse in more languages

Transliteration Bangla Bosnian German English Persian French Hindi Indonesian Kazakh Dutch Russian Spanish Turkish Urdu Uzbek