×

سىلەردىن مۆمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. اﷲ 4:25 Uighur translation

Quran infoUighurSurah An-Nisa’ ⮕ (4:25) ayat 25 in Uighur

4:25 Surah An-Nisa’ ayat 25 in Uighur (الأويغورية)

Quran with Uighur translation - Surah An-Nisa’ ayat 25 - النِّسَاء - Page - Juz 5

﴿وَمَن لَّمۡ يَسۡتَطِعۡ مِنكُمۡ طَوۡلًا أَن يَنكِحَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ فَمِن مَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُم مِّن فَتَيَٰتِكُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۚ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِإِيمَٰنِكُمۚ بَعۡضُكُم مِّنۢ بَعۡضٖۚ فَٱنكِحُوهُنَّ بِإِذۡنِ أَهۡلِهِنَّ وَءَاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِ مُحۡصَنَٰتٍ غَيۡرَ مُسَٰفِحَٰتٖ وَلَا مُتَّخِذَٰتِ أَخۡدَانٖۚ فَإِذَآ أُحۡصِنَّ فَإِنۡ أَتَيۡنَ بِفَٰحِشَةٖ فَعَلَيۡهِنَّ نِصۡفُ مَا عَلَى ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ مِنَ ٱلۡعَذَابِۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَشِيَ ٱلۡعَنَتَ مِنكُمۡۚ وَأَن تَصۡبِرُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ﴾
[النِّسَاء: 25]

سىلەردىن مۆمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. اﷲ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئېلىۋېرىڭلار، ئىچكى ئەھۋالىنى اﷲ قا تاپشۇرۇڭلار). سىلەر بىر - بېرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ خوجىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار. لېكىن ئۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان ئەفىفە بولۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ (يەنى چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئېلىش)، ئاراڭلاردا زىناغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

❮ Previous Next ❯

ترجمة: ومن لم يستطع منكم طولا أن ينكح المحصنات المؤمنات فمن ما ملكت, باللغة الأويغورية

﴿ومن لم يستطع منكم طولا أن ينكح المحصنات المؤمنات فمن ما ملكت﴾ [النِّسَاء: 25]

Shaykh Muhammad Saleh
سىلەردىن مۆمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئېلىۋېرىڭلار، ئىچكى ئەھۋالىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار). سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ خوجىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار. لېكىن ئۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان ئىپپەتلىك بولۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ (يەنى چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئېلىش)، ئاراڭلاردا زىناغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
❮ Previous Next ❯

Verse in more languages

Transliteration Bangla Bosnian German English Persian French Hindi Indonesian Kazakh Dutch Russian Spanish Turkish Urdu Uzbek