Quran with Uighur translation - Surah Al-An‘am ayat 71 - الأنعَام - Page - Juz 7
﴿قُلۡ أَنَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰٓ أَعۡقَابِنَا بَعۡدَ إِذۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ كَٱلَّذِي ٱسۡتَهۡوَتۡهُ ٱلشَّيَٰطِينُ فِي ٱلۡأَرۡضِ حَيۡرَانَ لَهُۥٓ أَصۡحَٰبٞ يَدۡعُونَهُۥٓ إِلَى ٱلۡهُدَى ٱئۡتِنَاۗ قُلۡ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلۡهُدَىٰۖ وَأُمِرۡنَا لِنُسۡلِمَ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ﴾
[الأنعَام: 71]
﴿قل أندعوا من دون الله ما لا ينفعنا ولا يضرنا ونرد على﴾ [الأنعَام: 71]
Shaykh Muhammad Saleh (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر. بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق |