Quran with Uighur translation - Surah At-Taubah ayat 42 - التوبَة - Page - Juz 10
﴿لَوۡ كَانَ عَرَضٗا قَرِيبٗا وَسَفَرٗا قَاصِدٗا لَّٱتَّبَعُوكَ وَلَٰكِنۢ بَعُدَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلشُّقَّةُۚ وَسَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَوِ ٱسۡتَطَعۡنَا لَخَرَجۡنَا مَعَكُمۡ يُهۡلِكُونَ أَنفُسَهُمۡ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ ﴾
[التوبَة: 42]
﴿لو كان عرضا قريبا وسفرا قاصدا لاتبعوك ولكن بعدت عليهم الشقة وسيحلفون﴾ [التوبَة: 42]
Shaykh Muhammad Saleh ئەگەر (ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يىراق ئەمەس) ئوتتۇراھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ (غەنىيمەت ئېلىش مەقسىتىدە) چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار (يالغان قەسەملىرى تۈپەيلىدىن) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر |