Quran with Uighur translation - Surah Al-An‘am ayat 136 - الأنعَام - Page - Juz 8
﴿وَجَعَلُواْ لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ ٱلۡحَرۡثِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ نَصِيبٗا فَقَالُواْ هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعۡمِهِمۡ وَهَٰذَا لِشُرَكَآئِنَاۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَآئِهِمۡ فَلَا يَصِلُ إِلَى ٱللَّهِۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَآئِهِمۡۗ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ ﴾
[الأنعَام: 136]
﴿وجعلوا لله مما ذرأ من الحرث والأنعام نصيبا فقالوا هذا لله بزعمهم﴾ [الأنعَام: 136]
Shaykh Muhammad Saleh مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھارپايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا، قويلاردىن) ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن ئاللاھنىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئاللاھنىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى (مۇشرىكلار ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە ئاللاھ باي، بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى). ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ |